ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چىقىرىلغان مەزكۈر قارار لايىھىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرمىچىلىق سىياسىتى ئالاھىدە تەنقىد قىلىنغاندىن سىرت، خىتاينىڭ يەنە سۇدان ھەمدە دارفۇر ھۆكۈمەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان قوللاش پوزىتسىيىسى تەنقىد قىلىنغان، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەزكۈر قىلمىشلارنى قەتئىي توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ قېتىم قارار، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتايغا قارشى ئېلان قىلغان ئەڭ كۈچلۈك قارار لايىھىسى ھېسابلىنىدىكەن.
قارار لايىھىسىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەرتلەر ئاستىدا ئىش كۆرگەندىلا ئاندىن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمىنى ئولىمپىك روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئەركىن ۋە ئاشكارا ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قارار لايىھىسى بىرگە قارشى 419 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.