ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ سابىق شتاپ باشلىقى پېتىر پېيس ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاپ باشلىقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى گېنېرال پېتيىر پېيس باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار سىياسىتى كېڭىشىنىڭ 7 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشتى.

پېتىر پېيس باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ 4 ‏ - ئىيۇندىن 11 ‏ - ئىيۇنغىچە خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 7 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ زىيارەتنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى ئۇيغۇر ئېلىگە ئايرىلغان.

پېتىر پېيسنىڭ 5 ‏ - ئىيۇندىن باشلانغان رايوندىكى زىيارىتى 9 ‏ - ئىيۇنغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئۇ پەيشەنبە كۈنى يەنى ئۈرۈمچى سەپىرىنىڭ 1 ‏ - كۈنى نۇر بەكرى بىلەن ئۇچراشقان. رايوندىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە پېتىر پېيسنىڭ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقى، نۇر بەكرىنىڭ " ھەر مىللەت خەلقى ئۆز مەدەنىيىتىگە مىراسخور بولۇۋاتىدۇ، مەدەنىيىتى قوغدىلىۋاتىدۇ ۋە نامايەن قىلىنىۋاتىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ناھايىتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ " دېگەنلىكىنى يازدى. لېكىن پېتىر پېيس ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە نېمىلەرنى دېگەنلىكى، تەرەپلەرنىڭ قايسى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكى شۇنداقلا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش سەۋەبلىرىنى تىلغا ئالمىدى.

" تەڭرىتاغ" تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، نۇر بەكرى"پېيس ئەپەندىنىڭ زىيارىتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پۇرسەت ياراتتى " دەپ تەكىتلىگەن. مۇخبىرىمىز، پېتىر پېيسنىڭ زىيارەت مەقسىتى توغرىسىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتى كېڭىشى بىلەن ئالاقىلاشماقتا. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى جۈمە كۈنى مۇخبىرىمىزغا زىيارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن تېلېفون قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.