يېقىندا بېرمادا يۈز بەرگەن 'نارگىس' دەپ ئاتىلىۋاتقان دېڭىز چاپقۇنىدا 2 مىليون 400 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 134 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. دەسلەپتە بېرما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ياردىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بېرمادا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 2 مىليون پۇت يېمەكلىك ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق ئەشيا تەييارلاپ، ئۇنى ھەربىي پاراخوتلار بىلەن ئاپىرىپ، خەلقنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييار بولغاندىن كېيىن، بېرما ھۆكۈمىتى 15 قېتىم رەت قىلدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى دانا پېرىنو بېرما ھۆكۈمىتىگە يەنە 'بېرما ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىدىغان خەلقئارا تەشكىلات خادىملىرىنىڭ كىرىشىنى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە جىددىي كېرەك بولغان قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنىڭ خەلقنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك، ئەمدى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ' دەپ بېسىم ئىشلەتكەن.