ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن، رەپىقىسى لاۋرا بۇش ۋە قىزى باربارا بۇش بىلەن بىرلىكتە بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

بۇش بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال تايلاندنىڭ بانكوك شەھىرىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە : " ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە، نامايىش ئەركىنلىكىگە ۋە ئەمگەك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى توغرا يولغا يېتەكلەشتۇر" دەپ ئەسكەرتكەن.

جورج بۇش بانكوكتىكى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى، دىنىي زاتلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنى نۇقتىلىق تەنقىد قىلغان. جورج بۇش قەشقەردىكى 4 ‏ - ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، خىتاينى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، كۈچ قوللىنىشنى نورمىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.

خىتاي بۈگۈن جورج بۇشنى كۈتۈۋېلىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بانكوكتا قىلغان سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇشنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.