پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتىك پارتىيە ۋەكىللىرىنى نېفىت مەسىلىسىدە تەنقىد قىلدى

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان نېفىت ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تېز سۈرەتتە ئۆسۈپ كېتىشى پەقەت ئامېرىكا خاراكتېرلىق بولۇپ قالماستىن بەلكى دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندى. ئاھالىلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكىدا ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىغا جىددىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسىدىن ئامېرىكىنىڭ بەزى دېڭىز بويلىرىدىكى نېفىتلىكلەرنى ئېچىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتىك پارتىيىدىن بولغان ئەزالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مەزكۇر تەكلىپ مەجلىستىن ئۆتمىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا پرېزىدېنت بۇش شەنبە كۈنى ئېنېرگىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، دېموكراتىك مەجلىس ئەزالىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بىر قېتىم دۆلەت مەجلىسىدىن دېڭىز بويلىرىدا نېفىتلىك ئېچىش تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىشنى ھەمدە مەجلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دېڭىز بويلىرىدىكى نېفىتلىكنى ئېچىشنى چەكلىشىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 80 - يىللاردا بۇ چەكلىمىنى بېكىتكەن.

پرېزىدېنت بۇش ئەگەر بۇ نېفىتلىكنى ئاچقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى يېنىكلىتىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، دېموكراتىك ۋەكىللەر پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئارقىسىدا نېفىت سانائىتى بارلىقى ئۈچۈن بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلىق بىلەن تەنقىد قىلغان.