پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكا قىسىملىرىغا پاكىستاندىكى تالىبان ۋە ئەل - قائىدە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.09.12
2008.09.12
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئالدىنقى كۈنى "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى"گە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا بىر مەخپىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا پاكىستاندىكى تېررورچى نىشانلارغا پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ خەۋەر پاكىستان پارلامېنتى ۋە ھەربىي دائىرىلىرىدە ئالاقزادىچىلىك ياراتقان ئىدى. بۇشنىڭ بۇيرۇقى ئافغانىستان ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ پاكىستان ھەربىي ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا ئارمىيىسى جۈمە كۈنى شىمالىي ۋازىرىستاننىڭ مىرانشاھ دېگەن رايونىدىكى تالىبانلارنىڭ بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 14 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇ ۋەقە ئىلگىرى مۇشەررەپنى قوللىغان پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىN - ۋە پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ دەرھال ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى N - نىڭ رەھبىرى نىسار ئەلى خان جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىدىن ئالدى بىلەن "پاكىستاننىڭ دوست ياكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئايرىش"نى تەلەپ قىلغان. پاكىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى كېيانى بولسا جۈمە كۈنى پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ پاكىستان " تېررىتورىيىسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدىغانلىقى"نى جاكارلىدى.