بۇش خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ماختىدى. لېكىن خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا ئۇدۇللا جاۋاب بەرمەي، خىتاينىڭ يوشۇرۇن تېررورلۇق ھۇجۇملار مەسىلىسىدە ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ": مەن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، ئولىمپىك روھىنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن شۇنداقلا ئىغۋاگەرچىلىك ۋەقەسى يۈز بەرسە، ئۇلارنىڭ بۇنى زوراۋانلىق كۈچ ئىشلەتمەي، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."
پرېزىدېنت بۇش بۇ سۆزلەرنى قىلغان شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى سەمەن يولىدا ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىت ئىسىملىك 2 ئۇيغۇر ياش، قەشقەردە ئەتىگەنلىك مەشققە چىققان خىتاي ژاندارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، 16 سىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.
چەتئەلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلار زوراۋانلىقنى ئەيىبلىگەن، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆچ ئالماسلىققا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.