خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش، خىتايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن خۇ جىنتاۋ ۋە خىتاي خەلقىدىن ھال سورىغان شۇنىڭدەك تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، خۇ جىنتاۋ دىن دالاي لاما بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ جىنتاۋ، سۆھبەت جەريانىدا، تىبەتنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، تىبەت مەسىلىسىگە ئوبىكتىپ مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئارىدا، تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما، غەرب دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنى، تىبەتكە خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا چاقىردى.
دالاي لاما چارشەنبە كۈنى باشلايدىغان سەپىرى جەريانىدا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىنى زىيارەت قىلىدىكەن.