كىم جۇڭئىن چاۋشەننىڭ 60 يىللىق مۇراسىمىغا قاتناشمىدى

سەيشەنبە كۈنى پىيوڭياڭدا چاۋشەننىڭ 60 يىللىق دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەمما پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا چاۋشەن ئىشچىلار پارتىيىسى باش سېكرىتارى كىم جۇڭئىن كۆرۈنمىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.09

 دۆلەت بايرىمى مۇراسىمىدا ھەربىي مانېۋېر ھەم سەنئەت ئويۇنلىرى جەريانىدىمۇ كىم جۇڭئىننىڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالماسلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ دېققىتىنى تارتقان. بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، چاۋشەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن 8 - ئايدىن باشلاپ سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئاممىۋى سورۇنلارغا قاتناشماي كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كىم جۇڭئىننىڭ ساقلىقى ئۈچۈن يېقىندا مەخسۇس داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتكەن.

خەۋەردە جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، 66 ياشلىق كىم جۇڭئىننىڭ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى تارتىۋاتقان،چاۋشەننىڭ قوراللىرىنى مانېۋېر قىلىدىغان مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت بايرىمى مۇراسىم سورۇنىغا قاتناشماسلىقى بىنورمال ئىكەن.

ئىلگىرى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كىم جۇڭئىننىڭ ھاراق، تاماكىنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن دىئابېت ھەم يۈرەك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.