ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينىي گرۇزىيىنى زىيارەت قىلدى

پەيشەنبە كۈنى گروزىيىدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينىي، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكەتنى گروزىيىنىڭ خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان " قانۇنسىز بىر ئىشغال ھەرىكىتى" دەپ كۆرسەتتى.

دېك چەينىي گروزىيىنىڭ پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى بىلەن بىرلىكتە گروزىيىنىڭ پايتەختى تىبلىس شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە قاراتقان ئىشغال ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ مەقسەتلىرى ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدە شۈبھە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتىدا، 2003 يىلى گروزىيىدە دېموكراتىيە غەلىبە قىلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى دېموكراتىك دۆلەتكە ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " بىز بۇ قېتىم سىلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىڭلارغا قارىتىلغان قانۇنسىز ئىشغال ھەرىكىتىگە سىلەر بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرىمىز" دېدى.

باياناتىدا، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر مىليارد دوللارلىق ياردەمنىڭ ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيىگە بېرىدىغان ياردىمىنىڭ پەقەت بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينىي، "شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇخارېست شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا ئېلان قىلغىنىدەك گرۇزىيىنى چوقۇم شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىدۇ ۋە گروزىيە بىزگە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىگە كىرىدۇ " دېدى.

گروزىيە ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چەينىنىڭ سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئىدى. چەينىي گرۇزىيىدىن بۇرۇن ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلدى.