ئۇكرائىنىيە دىك چېنىينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 3 جۇمھۇرىيەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئۇ ئۇكرائىنىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن گروزىيە بىلەن ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلغان.
گروزىيە بولسا تېخى يېقىندىلا رۇسىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى. دىك چېنىي ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى تېمىشىنكو ۋە پرېزىدېنت يۇشىنكولار بىلەن ئۇچراشقان. دىك چېنىي ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى يۇشىنكوغا ئوكرائىنىيىنىڭ بىخەتەرلىكى ئامېرىكىنىڭ "چوڭقۇر ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى" گە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر ئوكرائىنىيىنى غەرب بىلەن رۇسىيىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئانالىز قىلىشماقتا. دىك چېنىي مۇنداق دەيدۇ": بىز كىشىلەرنىڭ زۇلۇمكار كۈچلەرنىڭ تەھدىتى، ئىقتىسادى ساراسىمى ۋە ھەربىي ئىشغالىيىتى ھەم قورقۇتۇشىدىن خالى ھالدا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىمىز".
دىك چېنىينىڭ ئۇكرائىنىيە زىيارىتى رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھۇجۇمى تۈپەيلى ئۇكرائىنىيە سىياسى مۇقۇمسىزلىققا چۈشۈپ قالغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. چۈنكى يېقىندا ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىدىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىدا باش مىنىستىر تېموشىنكونىڭ پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى توسۇپ قالغان.