ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى ھەققىدىكى چەكلىمە ئامېرىكىدا بىكار قىلىنىشى مۇمكىن

ئەگەر ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئوتتۇرىغا قويغان 'ئافرىقىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئەيدىزگە قارشى كۆرەش قىلىش قانۇن لايىھىسى' ماقۇللانسا، بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىدا بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىشى ياكى كۆچمەن بولۇپ كېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن بىكار قىلىنىشى مۇمكىن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن سۇدان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، لىۋىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىلاردا، ئاكتىپ ھالەتتىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى كىشىلەرنىڭ ساياھەت قىلىش ياكى كۆچمەن بولۇپ كېلىشى چەكلەنگەن ئىدى. خىتايمۇ ئامېرىكىدا بۇنداق چەكلىمىنى بىكار قىلىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ئەيدىزگە تىز پۈكتى دەپ مازاق قىلغان ئىدى.

ھازىر ئامېرىكىدا بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بولۇۋاتقان مۇزاكىرىدە، ئاساسەن ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ساياھەت قىلسا ياكى كۆچسە، ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ، باشقا كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ يۇشۇرۇن خەتەر بولۇپ قېلىۋاتقان ئەمەلىي ئەھۋال نەزەردە تۇتۇلغان.

شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كېيىن، ئەگەر ئۇلار كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرمىسا ۋە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتكە تايىنىۋالماي داۋالىنىش شەرتى بولسا، ئۇلارنىڭ ساياھەت قىلىشى ياكى كۆچمەن بولۇپ كېلىشى چەكلەنمەسلىكى كېرەك دېگەن شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەكىتلەنمەكتە.