ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.27
2008.05.27
ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان دېۋىد مەزگەر، ئاۋغۇست ئېيىدا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.
ئۇ ئامېرىكىدا چىقىدىغان " دﯤ ئىنكوايرەر" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئەيدىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئەيدىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشتە، ئەيدىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتىنىڭ 30 پىرسەنتكە يېتىدىغانلىقى ئېنىقلانغان. ھالبۇكى ئامېرىكىدا ئەيدىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا 5 پىرسەنت، لاتىن ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدا 8 پىرسەنت ۋە قاراتەنلىكلەر ئارىسىدا 12 پىرسەنت ئىكەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئومۇمى تارقىلىش نىسبىتى يىلدا 9 پىرسەنت بولۇپ، بۇ دۇنيادا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدىكەن.