'سىپىگېل' ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاللىقاچان تەييارلاپ بولغان بۇ دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگىچە پۈتۈن مەملىكەتتە كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلدى، دەپ تەنقىدلەنگەن.
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى پاكىتلار تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن بۇ دوكلاتتا يەنە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ھازىرغا قەدەر داۋاملىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلى خەلق تەرىپىدىن دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىتىلغان ۋەقە يۈز بەرگەن دۆلەتلەردىن ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقى؛ ھەتتا پىكىر بەرگەن كىشىلەرنىمۇ داۋاملىق تۈردە قاتتىق جازالاۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ پىكرىنى ئاڭلاتقان ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىمۇ داۋاملىق تۈردە تەقىپ ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقى، جەھەتلەردىكى پاكىتلار تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قاتتىق تەنقىدلەنگەن.