گرۇزىيە دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىدىن بىر نەچچە سائەت ئاۋۋال رۇسىيە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى گرۇزىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان گورى شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە بىر بازارنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، بومباردىمان نەتىجىسىدە 6 كىشى ئۆلگەن.
رۇسىيە، گرۇزىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي ئوسسىېتىيە رايونىدا كۆپىنچىسى بىگۇناھ پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 2000 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن رۇسىيىنىڭ بۇ مۇددىئاسى تېخى مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن ئېنىقلانمىغان. ئەمما رايوندىن قاچقان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلاردا يۈزلىگەن ئادەم ئۆلگەن.
جەنۇبىي ئوسسىېتىيە رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا نۇرغۇنلىغان گروزىيىلىكلەرمۇ ئۆلگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆلگەنلەر سانى كۈنسېرى كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى ناھايىتى خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، گرۇزىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىغا تېخى مۇخبىرلار كىرەلمىگەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى گرۇزىيىدىن چېكىندۈرۈش تەلىپى بىلەن موسكۋاغا كەلگەن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي، رۇسىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى لېكىن گرۇزىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، تۇپراق پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا پولشا ۋە تۆت سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشۋىلىدىن ھال سوراش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن گرۇزىيىنىڭ پايتەختى تىبلىس شەھىرىگە بارغان. شۇنىڭدەك ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن يىغىنغا چاقىرىلغان.