گرۇزىيە، رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ گرۇزىيىدىن پۈتۈنلەي چىكىنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە جۈمە كۈنى، گرۇزىيىدىن پۈتۈن ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن گرۇزىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ گرۇزىيە تېرىتورىيىسىدىن ھەربىي قىسىملىرىنى تېخى پۈتۈنلەي چىكىندرۈمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئامېرىكا ۋە فرانسىيە بولسا رۇسىيىنى ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا ئامېرىكا ۋە فرانسىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن رۇسىيە ۋە گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە گرۇزىيىدىن پۈتۈن ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈشكە چاقىردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىككى ھەپتە ئاۋال گرۇزىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىتىپ، گرۇزىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىنى ئىشغال قىلغان روسىيە، گرۇزىيىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ، گرۇزىيە ساقچى قىسىملىرىنىڭ گورى شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان.

لېكىن گرۇزىيىدىكى مۇھىم ۋە ئىستراتېگىيىلىك يوللار ھېلىمۇ رۇس ھەربىي قىسىملىرىنىڭ كونتروللۇقىدا شۇنىڭدەك رۇسىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى رۇس ھەربىي قىسىملىرىنىڭ گرۇزىيىنىڭ قارا دېڭىز دىكى مۇھىم پورتى ھېسابلانغان پۇتى شەھرىدىكى چارلاش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە پۇتى شەھىرى رۇسىيە ئۆزى بەلگىلىگەن رۇس ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تىنچلىقنى ساقلاش پائالىيەت رايونىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرى باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال ئاناتولى نوگاۋتسىن شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، رۇس ھەربىي قىسىملىرىنىڭ پۇتى شەھىرىدىكى چارلاش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە خىلاپ ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن.

بۈگۈن ھەم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇ ھەم فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنى ھەربىي قىسىملىرىنى گرۇزىيە تېرىتورىيىسىدىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈشكە چاقىردى. شۇنىڭدەك گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ شەنبە كۈنى رۇسىيىدىن ھەربىي قىسىملىرىنى ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى جايلىرىغا چىكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.