پارلامېنت باياناتچىلىرىدىن بورىس گريزلوۋ يىغىندا سۆز قىلىپ، رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە تىنچلىقىدىكى تارىخىي كاپالەتچىلىك رولى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە " كاۋكازىيە تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ كەلگەن، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق داۋاملىشىدۇ" دېگەن.
رۇسىيە پارلامېنتنىڭ بۇ قارارىغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. ئاق ساراي ئالاقىدار باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇشىنى قوبۇل قىلغىنى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا يەنە" رۇسىيە گرۇزىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك دەپ ئەسكەرتىلدى.
ياۋروپا بىرلىكى باياناتىدا، جەنۇبىي ئاسسېتىيە بىلەن ئابخازىيە گرۇزىيىنىڭ بىر پارچىسىدۇر" دەپ بىلدۈرۈلدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل باياناتىدا، "مەزكۇر ئىككى رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇش، رايوننىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئاق ساراي ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنېينىڭ كېلەر ھەپتە گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى دىك چېنېينىڭ كاۋكازىيە زىيارىتىگە قارىتا نارازىلىق خىتابى دەپ قارىماقتا.