رۇسىيە جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە قوشۇلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.08
2008.09.08
بىرلەشمە بايان ئېلان قىلىش يىغىنىدا فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي، رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر گە يەنە، ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ 200 نەپەر ياۋروپالىق كۆزەتچىنى مەزكۇر رايونغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، قارا دېڭىز بويىغا جايلاشقان پوتى شەھىرى ئەتراپىدىكى رۇسىيە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدىكەن ھەمدە جەنۇبى ئوسسېتىيە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارالىق سۆھبەت 15 ئۆكتەبىردىن باشلاپ جەنۋە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
رۇسىيە قىسىملىرى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ گرۇزىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئۆز مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن كۈرەش قىلىۋاتقان تىنچىماس رايون، جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىلەرگە بېسىپ كىرىپ بۇ رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقنى رەسمىي تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە شۇ سەۋەبتىن دۇنيا خاراكتېرلىك بېسىمغا ئۇچرىغان ئىدى.