ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىش پىلانى يوق ئىكەن

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي، ھۆكۈمەتنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىش پىلانى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ، گۇەنتانامودىكى تۈرمىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلدى.

دىك چېنىي دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، گۇەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى " ئەسكى ئادەملەر" ۋە بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنىڭ كۆپچىلىكى" تېررورچىلار" دەپ كۆرسەتتى. دىك چېنىينىڭ تەكىتلىشىچە، خەتەرلىك ئەمەس، دەپ قارالغان بەزى گۇمانلىق ئۇنسۇرلار تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىنتايىن خەتەرلىك ئۇنسۇرلار ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىندىن بېرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار گۇەنتانامو تۈرمىسىنى تەنقىد قىلغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوسىف بايدىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەزكۇر تۈرمىنى تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىل مارتىنىز، بۇش ھۆكۈمىتىنى گۇەنتانامودىكى تۈرمىنى تاقىۋېتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىرغان. ئەمما پرېزىدېنت بۇش، "ئامېرىكىنى قوغداشنىڭ ھەر خىل يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى" بىلدۈرمەكتە.

دىك چېنىي، "ھازىرچە گۇەنتانامونى تاقىۋېتىش پىلانىمىز يوق، پرېزىدېنتنىڭ دىيىشىچە، بىز ھەممە ئاممىلارنى كۈزدە تۇتقۇنىمىزدا بازىنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن،" دېدى.

ھازىر گۇەنتانامودىكى قاماقخانىدا 540 نەپەر مەھبۇس بار. ئامېرىكا مەھبۇسلار ئىچىدىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت، دەپ قارالمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان 3 - بىر دۆلەت ھازىرغا قەدەر چىقمىغان. (ئەركىن)