ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئۆزىنىڭ چېگرا قىسىملىرى يوللىغان بۇ دوكلاتقا ئاساسەن، بۈگۈن پاكىستاننى 'ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى' دەپ ئەيىبلىدى. پاكىستان تەرەپ بولسا بۇ ئەيىبلەشنى ئېتىراپ قىلمىدى.
ھىندىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ بۈگۈن بۇ مەسىلە بۇيىچە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن.