ھىندىستان بىلەن خىتاي خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ھىندىستان بىلەن خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى قاتناشقان ئاتوم ئېنېرگىيىسى سۆھبىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ سۆھبەت ھازىر جىددىيچىلىك ئىچىدىكى خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.08

 ئىلگىرى بېيجىڭ دائىرىلىرى يېڭى دېھلى تەرەپنىڭ خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىنى قوللىمىغاندىن كېيىن، ھىندىستان تەرەپ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى بۇ ھەقتە ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستاننىڭ خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ئىلتىماسى 7 - سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ ھىندىستاننىڭ تىز ئىلگىرىلەۋاتقان ئىقتىسادى ئىگىلىكىگە پايدىلىق ئىكەن.

دۈشەنبە كۈنى، خىتاي تاش ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى ھىندىستان تاش ئىشلار مىنىستىرى پرانب مۇكھەرجە ۋە باش مىنىستىرى مانموخان سىنىغ بىلەن ئۇچراشقان ۋە ھىندىستاننىڭ خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيىسى تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى رايون بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر قاتار چېگرا ئىختىلاپى مەۋجۇد بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن 1962 - يىلى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىدا ئۇرۇش پارتلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.