ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە تەرەپمۇ جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھىزبۇللانىڭ بىر نەپەر ئەزاسىنى تۈرمىدىن بوشىتىپ قايتۇرۇپ بەرگەن.
نەسىر ئىسىملىك مەزكۇر ھىزبۇللا ئەزاسى، ئەسلىدە لىۋاندا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولغان. بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگەندە ئۇنىڭ پۇقرالىقىنى بىكار قىلغان. بىراق ئۇ، لىۋانلىقلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان. بۇ، 2006 - يىلىدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئالماشتۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن.