ئىككى نەپەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت ماھىرى خىتاي ساقچىلىرىغا تېررور كۆرۈنۈپ قالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.14
2008.08.14
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى سەھەر سائەت بەشتە، ئىككى نەپەر گېرمانىيىلىك چەۋەنداز، ئات تۈرلىرى تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ سېتكىلىق تېمىدىن ئاتلاپ كىرىۋاتقاندا، ساقچىلار ئۇلارنى تېررورچىلار دەپ ئېلىپ كەتكەن.
ئەسلىدە خوڭكوڭ ساقچىلىرىنى ساراسىمىگە سالغان بۇ ئىككى نەپەر چەۋەنداز، شۇ كۈنى كېچىدە گېرمانىيە چەۋەنداز كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتكە قاتنىشىپ ياناشىىدا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت ماھىرلىرى كەنتىگە قايتماقچى بولۇپ سىم سېتكىلىق تامدىن ئارتىلىپ ئولىمپىك مەدەنىيەت مەيدانىغا كىرىپ قالغان ئىكەن.
ساقچىلارنى بىر مەھەل ئالاقزادە قىلغان بۇ چەۋەندازلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇلارغا شىنجاڭدا پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىرىلەر خوڭكوڭدىكى تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا يەنىمۇ سەگەكلىكىنى ئاشۇرغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بار كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقانقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
خوڭكوڭ 2008 - ئولىمپىكىنىڭ بەيگە تۈرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم شەھەرنىڭ بىرى، خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ھەم تىبەتلەرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا بۇزغۇنچىلىق ھەم تېررورلوق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سەگەكلىكىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ خوڭكوڭدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە خوڭكوڭدا ياشاۋاتقان ھەمدە خىزمەت، تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتتىق تەقىپكە ئۇچرىماقتا ئىكەن.