كانادادىكى يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بېيجىڭنىڭ ھاۋا مۇھىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بېيجىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەمدىن بەكلا يىراق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھاۋا تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھاۋاسىدىكى بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققان ئۇششاق زەررىچىلەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يەنىلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچىمىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى(Greenpeace) - 1971 يىلى كانادا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئامىستېردامغا جايلاشقان خەلقئارالىق يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ.

مەزكۇر تەشكىلات بۈگۈن يەنى 28 - ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كەلگۈسى ئولىمپىك يىغىنلىرى ئۈچۈن، مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە چاقىردى.