خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسارىيىنى گۈەنتانامودىكى 3 نەپەر تۇتقۇنغا پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنى گۇئانتانامو ئارىلىدا 6 يىلدىن بېرى ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، لېكىن قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقسا قويۇپ بېرىلىشى مۇقىملاشقان 3 نەپەر چەتئەللىك تۇتقۇنغا پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.21

 شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى گۈەنتانامودىكى بىر ئۇيغۇر، بىر لىۋىيىلىك ۋە بىر ئالجىرىيىلىكنى مەزكۇر دۆلەتكە قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۋېتسارىيە فېدېرال كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى جوناس مونتانى " بىز بۇ ئىلتىماسنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدۇق، بىز بۇنى چەتئەلدىن تاپشۇرۇۋالغان باشقا پاناھلىق ئىلتىماسلىرىغا قويۇلغان شەرتلەر بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەردە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پاناھلىق بېرىشكە چاقىرغان 3 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاقلانغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى كوردىناتورى گراف بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ": شۋېتسارىيە بۇ 3 كىشىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئىپادىلەشنىڭ ۋاقتى‏ - سائىتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك. بىز گۇئانتانامونىڭ تاقىلىشىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنىشىمىز لازىم."

بۇ 3 كىشى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستاندا قولغا ئېلىنىپ گۇئانتاناموغا يوللانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلار ئىدى. گرافنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ 3 كىشىنى دۈشمەن جەڭچىسى، دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستىدىن رەسمىي سوت ئاچمىغان. نۆۋەتتە گۇئانتانامودا 265 نەپەر ئەلقائىدە ۋە تالىبان گۇماندارى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 80 دەك كىشىنى ئۈستىدىن ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، سوت ئېچىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى گراف، بۇ كىشىلەرنى گۇئانتانامودىكى مەۋجۈت شارائىت ئاستىدا ئۆزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىككە سىغمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.