"كىشىلىك ھوقۇق پىيادە يۈرۈشى" دىكىلەر نيۇيوركتا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى باشلىغان "كىشىلىك ھوقۇق پىيادە يۈرۈشى" 17 - ماي شەنبە كۈنى نيۇيورك شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ۋە پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەر مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدىلا نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياڭ جيەنلىگە ئەۋەتكەن مەكتۇبى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

رابىيە خانىمنىڭ مەكتۇپىنى ھازىر ۋىرگىنىيە شىتاتىدا تۇرۇشلۇق سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ، خەتتە ئالدى بىلەن ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ "كىشىلىك ھوقۇق پىيادە يۈرۈشى" گە يۇقىرى باھا بېرىلگەن ھەمدە كوممۇنىست خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تونۇشى ۋە دېموكراتىيىلىشىشىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

خەتتە يەنە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەرگىلا زوراۋانلىق ئىشلىتىپ قالماي، بەلكى خىتاي خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىمۇ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ ۋە كۆزىتىپ، ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

پىيادە يۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىغا كەلگەندە ، كوچىدا ساقلاپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلار كۈتۈۋالغان ھەمدە ئۇلار نيۇيورك مانخاتتون رايونىدىكى 42 - كوچىغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئىلشات ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ، شەنبە كۈنىدىكى پائالىيەتكە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لىندا مانسىنى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا يەنە، نيۇيورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پالاتا ئەزاسى تونىي ئاۋېللا ئەپەندى سۆز قىلغان.

مەزكۇر "كىشىلىك ھوقۇق پىيادە يۈرۈشى" پائالىيىتىنى ياڭ جيەنلى 4 - ماي بوستۇن شەھىرىدە باشلىغان ئىدى ، پىيادە يۈرگۈچىلەر 17 - ماي نيۇيوركقا يېتىپ كەلگەن بولۇپ 4 - ئىيۇن ۋاشىنگتون شەھىرىگە كېلىدۇ ۋە 89 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.