كوندالىزا رايىس باغدادنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر كوندالىزا رايىس يەكشەنبە كۈنى ئىراق پايتەختى باغداد زىيارىتىنى باشلىدى. ئالدىن ئالا ئېلان قىلىنمىغان مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا رايىس خانىم باغداد رەھبەرلىرى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىراق ۋەزىيىتى جۈملىدىن سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەتلىرى ئېلىپ بېرىلىش مەقسەت قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

كوندا لىزا رايىس ئىراق باش مىنىستىر مالىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ئىراق ھۆكۈمىتى جايلاشقان يېشىل رايونلارنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىشنى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئالدىنقى ئايدا مالىكى بۇيرۇق بېرىپ، باسرا شەھىرىدىكى سادىرى باشچىلىقىدىكى مەھدى قوشۇنلىرىنى باستۇرغان ھەمدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا جەڭلەر پارتلىغان ئىدى. مالىكىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم رايىس خانىم بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا چاقىرغان. رايىس خانىم كۇۋەيت ۋە بەھرەيىندىكى دىپلوماتىيە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

نۆۋەتتە ئىراق ھۆكۈمىتى شىئە رادىكال گۇرۇپپىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى سادىرى ئەگەر ئىراق ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا زەربە بەرسە، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمەت بىلەن ئاشكارا تۇتىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.