فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زىلاندىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس شەنبە كۈنى يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پىتەرس بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشى كېرەك، لېكىن بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىدىن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىر قورال سۈپىتىدە پايدىلانماسلىق كېرەك" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
24 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان كوندالىزا رايىس، باياناتىدا يەنە" خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەندە، بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، دۇنياغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە، ئوچۇق ۋە سەۋىرچان بولۇشى كېرەك" دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوندالىزا رايىس يۇقىرىدىكى سۆزلىرى بىلەن يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى ھېلەن كلاركنىڭ سۆزلىرىنى ئەسكەرتكەن. يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى يېقىندا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بېرىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن شۇنىڭدەك ئولىمپىك بىخەتەرلىكىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ، ئەيىبلىمەكتە.
