روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى بۇنداق خىتايلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىن كېلىپ ئوقۇيدىغانلارغا قارىتا ۋىزا رەسمىيىتىنى چىڭىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. جەنۇبىي كورىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ، جەنۇبىي كورىيىدە قانۇنسىزلىق قىلغان، جەنۇبىي كورىيىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن خىتاي پۇقرالىرىنى چۇقۇم قانۇن بۇيىچە جازالاش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن زەخمىلەنگەن جەنۇبىي كورىيىلىكلەردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.