كوسوۋا ئاساسىي قانۇن ماقۇللاپ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ب د ت دىن ئۆتكۈزۈۋالدى

بۇ يىل 17 - فېۋرال مۇستەقىللىق جاكارلىغان كوسوۋا، تۈنۈگۈن يەنى 15 - ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى كوسوۋا ئاساسىي قانۇنىنىڭ ھەقىقى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ماقۇللاپ، مەزكۇر رايوننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە قىلىشىغا خاتىمە بەردى ھەمدە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

دەرۋەقە، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش تېخى يېقىندىلا نۇرغۇن زىددىيەتلەر ئىلكىدە مۇستەقىللىق جاكارلىغان كوسوۋا خەلقى ئۈچۈن زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ خۇددى كانادادا نەشر قىلىنىدىغان "چولپان" يەنى " The Star " گېزىتىدە كۆرسىتىلگىنىدەك، كوسوۋا پايتەختى پرىستىنادا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان كوسوۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمى، يەرلىك مۇسۇلمان مىللەت ئالبانلارنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقى كۈچكە ئىگە قىلىشى ھەمدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە قاراپ تاشلىغان تۇنجى قەدىمى.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ كۈننى "بىر تارىخى دەقىقە" دەپ ئاتىغان كوسوۋا پرېزىدېنتى فاتمىر سەجدى شۇنىڭ بىلەن كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتلىك يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كوسوۋا، ئالبان مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ئىلگىرى سېربىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر رايون بولۇپ، ئەمما بۇ رايوندىكى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ 95 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالبان مۇسۇلمانلىرى سېربىيە ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى چىققان ئىدى.

نەتىجىدە سابىق سېربىيە پرېزىدېنت سلوبودان مىلوسېۋىچ يېتەكچىلىك قىلىپ، كوسوۋا رايونىدا باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئاز دېگەندە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئالباننى قىرغىن قىلغان.

1998 - يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يېتەكچىلىكىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى، سېربىيىنى كوسوۋا خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا قىستاش ئۈچۈن، ھاۋادىن 78 كۈن بومبىلىغاندىن كىيىن، سېربىيە بۇ رايوندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەزكۇر رايوندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرى تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ھالبۇكى كوسوۋانىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشى بىلەن بۇ دۆلەتتە يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ئالبانلار ۋە ئاز سانلىق سېرب خەلقى ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.