مىيا فارروۋ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ خوللىۋۇد كىنو چولپانى، كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى مىيا فارروۋ جۈمە كۈنى دۇنيانىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، خىتايغا بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

فارروۋ خانىم شۇ كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن": ئەگەر خەلقئارا بېسىم يېتەرلىك بولسا شۇنداقلا ئەگەر يېتەرلىك زىلزىلە پەيدا بولسا، خىتاينىڭ بېرما مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتەلەيمىز."

فارروۋ خانىم يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنى "ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بېرما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارشى قەتئىي بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ " مەن بۇشنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا بارماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم، چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆز پرىنسىپىدا قەتئىي تۇرۇشتا كېرەكلىك بولغان بىر پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى" دەيدۇ.

مىيا فارروۋ ئىلگىرى خىتايدىن سۇدان دائىرىلىرىنىڭ دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا ياردەمدە بولۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مىيا فارروۋ يۇقىرىقى سۆزلەرنى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاياللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان "نوبېل ئاياللار تەشەببۇسى" دەيدىغان بىر ئورگاننىڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ بېرما - تايلاند چېگرىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، تايلاند پايتەختى بانكوكتا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكىتلىدى.