ئاسىيادىكى خىتاي قاتارلىقلار مۇساپىرلار ھوقۇقىنى"ئەڭ ئېغىر" دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر بولۇپ باھالاندى

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى مۇساپىرلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى بىر تەشكىلاتنىڭ جۈمە كۈنى يېتىپ كېلىدىغان دۇنيا مۇساپىرلار كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا خىتاي، ھىندىستان، تايلاند، مالايسىيا ۋە بېنگاللار مۇساپىرلار ھوقۇقىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر، دەپ باھالاندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.20

 بۇلاردىن قالسا ئىراق، كېنىيە، رۇسىيە، سۇدان ۋە ياۋروپا ئەللىرىمۇ مۇساپىرلار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتنى ئامېرىكا مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتى، دېگەن بىر ئاممىۋى تەشكىلات ھازىرلىغان بولۇپ، دوكلاتتا 2007 - يىلى دۇنيا بۇيىچە مۇساپىرلار سانىنىڭ 14 مىليونغا يېتىپ، 2001 ‏ - يىلدىكىدىن خېلى كۆپ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا دۆلەتلەرنى ئۇلارنىڭ مۇساپىرلار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش جەھەتتىكى خاتىرىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىغان بولۇپ، خىتاي، مالايسىيا ۋە تايلاندلار ئەڭ تۆۋەن نومۇر ئالغان دۆلەتلەردۇر. دوكلاتنى ھازىرلىغۇچىلار خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى تۇتۇۋالسا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىشىغا سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقان.

دوكلاتتا نېپال مۇساپىرلار ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى نېپال دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مۇساپىرلىرىغا تۇتقان سىياسىتىنى شۇنداقلا نېپالغا پاناھ تارتىپ چىققان بەزى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. نېپال ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى خوتەنلىك مۇساپىر شىرئەلى قاتارلىقلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شىرئېلىنى ئېتىپ تاشلىغان، باشقا مۇساپىرلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئالغىلى بولمىغان ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.