كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى نېپال دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، كاتماندۇنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلار ۋەقەسىدە خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈككەنلىكى، تىبەت نامايىشچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ خىتايغا "ياخشىچاق"بولۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ساقچىلار جۈمە كۈنى كاتماندۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلغان تىبەتلىك نامايىشچىلار نى تارقىتىۋېتىشتىن بۇرۇن، نامايىشچىلار خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى شۇئار توۋلىغان ئىدى. لېكىن كاتماندۇ ساقچى تەرەپ باياناتچىسى تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ كېيىنرەك قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل 3 - ئايدا تىبەت پايتەختى لخاسادا خەلق ئىسيانى يۈز بەرگەندىن بېرى، كاتماندۇدا ھەر كۈنى دېگۈدەك خىتايغا قارشى نامايىش يۈز بەرمەكتە.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا نېپال دائىرىلىرىنىڭ 10 - مارتتىن 18 - ئىيۇلغا قەدەر جەمئىي8350 نەپەر تىبەت مۇساپىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ دوستانە بىر قوشنا دۆلەتكە بېسىم ئىشلەتمەيدىغانلىقى، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئەمەسلىكى، لېكىن نېپالنىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى " قوللايدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن. نېپالدا ئاز دېگەندە 20 مىڭ تىبەتلىك مۇساپىر ياشىماقتا ئىدى.