پرېزىدېنت نامزىتى ئوباما ئۆزىگە مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولىدىغان نامزاتنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ ئىلىنوي شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سايلام پائالىيىتىدە دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامزىتى باراك ئوباما مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزىتىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

باراك ئوباما، مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ سېناتور بايدىن ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە بايدىننىڭ مول تاشقى سىياسەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ماختىغان.

65 ياشلىق بايدىن ئالتە قېتىم سېناتور بولغان بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھەمدە رەئىسى بولغان. ئۇ، ئىراق مەسىلىسىدە كۆپ قېتىم پرېزىدېنت بۇشنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، كۆپ جەھەتتە زور تەسىر كۈچىگە ئىگە شەخس سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان.

بۇ يىل 11 - ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى بولىدۇ. نۆۋەتتە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان نامزات جون مېككەيىن بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان نامزات باراك ئوباما كېلەر قېتىملىق پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن سايلام پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا. ھەر ئىككى نامزات ئۆزىگە مۇئاۋىن بولىدىغان نامزاتلارنى تاللاپ ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانسا، بايدىن مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولىدۇ.

باراك ئوبامانىڭ كىمنى مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا بەلگىلىشى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان مۇنازىرىلەر داۋاملاشقان ئىدى.