توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پھەملىم كاين، بېيجىڭ ئولىمپىكى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار ھەمدە ئىنتايىن پاكىتلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تېخىچە شۇ پېتى ھەل قىلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئولىمپىك يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان خىتايدا سادىر بولۇۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، بېيجىڭلىق بولمىغانلارنى بېيجىڭدىن قوغلاش قاتارلىقلارنى ئەيىبلىگەن كاين ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا قارشى قۇترۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا بىر تەكلىپ يوللىغان بولۇپ، تەكلىپتە، كەلگۈسىدە ئولىمپىككە ساھىبخان دۆلەتلەرنى تاللاشتا، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭمۇ تاللاش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.