رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىننىڭ تۈپ مەقسىتى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئېنېرگىيە، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىش ھەم سۇ مەنبەلىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار قاتارلىق كوپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.
يىغىنغا مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك بىلەن فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان. ساركوزىي پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.