ئاسىف ئەلى زاردارى ئىسلام ئابادتا پرېزىدېنتلىق قەسىمى ئىچتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.09
2008.09.09
زاردارى بۇ يىل 54 ياشتا، ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى بىنەزەر بۇتتونىڭ ئېرى. ئۇ 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مۇشەررەپ ۋەزىپىسىدىن بېسىم بىلەن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن پاكىستان خەلق پارتىيىسى تەرىپىدىن رەسمىي پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان ئىدى.
بۇ يېڭى پرېزىدېنت، قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادى بارغانچە ناچارلاۋاتقان، تۈرلۈك پارتلاشلار توختىماي يۈز بېرىۋاتقان بىر كەسكىن ۋەزىيەتكە تامامەن قەيسىرانە يۈزلىنەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت زاردارى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورتاق ئاخبارات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي، زاردارىنىڭ پرېزىدېنت بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن،يېقىن قوشنا بولغان ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ يۈزلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلىقىنى، بولۇپمۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئورتاقلىشىشى زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا زاردارى، پاكىستاننىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي كرىزىسلىرى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زىددىيەتلەرنى يېنىكلىتىشتە جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا ھەر قايسى رايون ھەم دۆلەتلەر بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.