ئولىمپىك مەشئىلى سىئولغا كەلگەندە يەنە قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

ئولىمپىك مەشئىلى يەتكۈزۈش پائالىيىتى يەكشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سىئولغا كەلگەندە يەنە قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايغا قارشى نامايىشچىلار بىلەن خىتاينى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ھەتتا ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە تاش - كېسەكلەرنى ئېتىشقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قارشى تۇرغۇچىلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارغا تۇتقان ناچار مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەتتا شىمالى كورىيىدىن جەنۇبىي كورىيىگە قېچىپ كەلگەن بىر نامايىشچى ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن مەيداندا 500گە يېقىن خىتاي ئوقۇغۇچى ۋە 50 كە يېقىن خىتايغا قارشى نامايىشچىلار بار بولۇپ، نامايىشچىلار: "خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلار قويۇۋېتىلسۇن" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان ھەمدە ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە تاش، سۇ بوتۇلكىسى قاتارلىقلارنى ئېتىشقان، ئەمما ساقچىلار بۇلارنى ئاجرىتىۋەتكەن.

بۈگۈن ئولىمپىك مەشئىلى شىمالىي كورىيىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ پيوڭياڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ھېچقانداق توسالغۇسىز تاماملانغان.