يامانياردىكى ۋەقە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن ئۇيغۇرلارغا بۇرىدى

يامانياردا ئۈچ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ يول ئۈستىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.

ئۈچ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەڭ مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئوقۇغۇچىلىرىغا سۇنغان دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەر، ماقالە ۋە مۇلاھىزىلىرىدە، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى كۇچا شەھىرىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بەرمەيدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ ھەتتا چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سۈزلىشىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، بۇ رايوندا مەۋجۇت مەسىلىلەرنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن زىددىيەتنىمۇ ئاشكارىلىغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە، "كۇچا شەھىرىدە بومبىلانغان جايلارنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇنىڭ جانلىق مىسالى بولالايدۇ. خىتايلار كۇچادىكى بومبىلاشلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسا، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بۇ ھۇجۇملارغا ھەيران قىلىپ، ئىچىدە خۇشاللىق ھېس قىلغاندەك تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن ھۇجۇملار ھەققىدىكى پىكرى سورالغاندا، كۆپىنچىسى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا ياكى 'بىلمەيمەن،' دەپ جاۋاب بەرمەكتە،" دېيىلگەن.

خەۋەردە، كۇچادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەردە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش سىياسەتلىرىدىن شۇنىڭدەك دىنىي بېسىمدىن قاتتىق شىكايەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بەزى خەۋەرلەردە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا بۇرالغان بىر مەزگىلدە، ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ۋە ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇنداق ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.