رابىيە قادىر خانىم Wall Street Journal گېزىتىدە دۇنيا رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان Wall Street Journal گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك يىغىنىدا بېيجىڭغا توپلانغان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

ماقالىدە رابىيە قادىر خانىم 4‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن سەمەن يولىدىكى ۋەقەدە 16 نەپەر خىتاي ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى ئەسكەرتىپ، زوراۋانلىقنىڭ ھەر تۈرلۈك شەكلىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرگە ئىنكاس قايتۇرغاندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىرىلەرنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم مۇنداق دەيدۇ": ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبەرلىرى ئولىمپىك ئۈچۈن بېيجىڭغا يىغىلغان مۇشۇ مەزگىلدە مەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن... مەن يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ، كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن."

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2001 ‏ - يىلى 11 ‏ - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن سابىق تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى لورېن كرېينىرنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن بېرى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دەرىجىلىك بىرەر ئەمەلدارنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ باقمىغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر ماقالىسى 4 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە، 10 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى كۇچادا شەرقىي تۈركىستان كۈرەشچىلىرىنىڭ خىتاي ژاندارما قىسىملىرىغا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، خىتاي رايوندا ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.