خىتاي، رادىئومىزنىڭ تىبەت بۆلۈم مۇخبىرىنى چېگرىدىن كىرگۈزمىدى

رادىئومىزنىڭ تىبەت بۆلۈم مۇخبىرى Dhondup Gonsar تۈنۈگۈن، بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا ئاخباراتچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدى. ئۇ چېگراغا كەلگەندە خىتاي كىرىش رۇخسىتى بەرمىگەن.

مۇخبىر Dhondup Gonsar تىبەتلىك ئامېرىكا ۋەتەندىشىدۇر. ئەسلىدە ئۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قاتنىشىپ مۇخبىرلىق قىلىش سالاھىيىتى خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ بولغان ۋە بارلىق چېگرىدىن كىرىش رەسمىيەتلىرى تولۇق ئىدى. رادىئومىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىدى.

رادىئومىز باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇخبىر Dhondup Gonsar نىڭ دەرھال يولىنى ئېچىشقا چاقىردى ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى Jacques Rogge ئەپەندىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دۇنياغا ئوچۇق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىكىغا بىرىنچى دەرىجىلىك تەھدىت ئۇيغۇرلار، ئىككىنچى دەرىجىلىك تەھدىت تىبەتلىكلەر دەپ قارىماقتا. تۈنۈگۈن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلىمۇ چېگرىدا توسۇۋېلىنغان ئىدى.

قولىدا خىتاي پاسپورتى بولغان ياڭ جيەنلى بۈگۈن ياپونىيىگە يولغا سېلىۋېتىلگەن. ئۆز ۋەتەندىشىنى چېگرىدىن كىرگۈزمەسلىك ئولىمپىك ساھىپخانلىقى تارىخىدىكى تۇنجى ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.