رۇسىيىلىكلەر خىتايدىن ئۆي سېتىۋالماقتا

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن چېگرىداش خىتاي شەھەرلىرى رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانماقتا.

رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ۋلادىۋوستوك، خاباروۋسك ۋە بلاگاۋېشېنسكى شەھەرلىرىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىگە يېقىن خىتاي شەھەرلىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىش دولقۇنى قوزغالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتايدىكى ئۆي باھاسىنىڭ رۇسىيىدىكىدىن ئون نەچچە ھەسسە ئەرزان، تۇرالغۇ جاي خىراجەت سوممىسىنىڭ 15 ھەسسە ئەرزان ئىكەنلىكى ئىكەن.

يىراق شەرقتىكى رۇس شەھەرلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ بىر كۋادرات مېتىرى 2000 دوللاردىن 3000 دوللارغىچە بولۇپ، خىتاي چېگرا شەھىرى سۇيفېنخېدا بولسا، بىر كۋادرات مېتىرى 400 دوللار ئىكەن.

ئەنە شۇنداق ئەھۋالغا قىزىققان كۆپلىگەن رۇسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى قىممەت باھادا سېتىپ، خىتاي تەرەپتىن ئەرزان ئۆي سېتىۋېلىپ ياشاشقا باشلىغان. نەتىجىدە، بەزى جايلاردا رۇس مەھەللىلىرى پەيدا بولغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەرەپ رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشنى قوللىغان بولۇپ، پەقەت پۇل بىلەن رۇسىيە پاسپورتى بولسىلا كۇپايە قىلىنغان. بۇ ئەھۋال رۇسىيىلىكلەرگە قولايلىق پۇرسەت ياراتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايدىكى يېمەك - ئىچمەك، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقىلارنىڭ باھاسىمۇ رۇسىيىدىكىدىن كۆپ ئەرزان بولۇش ئەھۋالى رۇسىيىلىكلەرنى قىزىقتۇرغان. بىراق، خىتايدا ھەقسىز داۋالىنىش سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەقسىز داۋالىنىش تۈزۈمىدە ياشاپ كەلگەن رۇسلارنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇغا ئايلانغان.

تارىخىي جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىسىنى رۇسلار تارىختىن بېرى مانجۇرىيە دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغا بولغان ئارىلىقتا مانجۇرىيىدە 500 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيىلىك ياشىغانلىقى، كۆپلىگەن رۇس يېزىلىرى بولغانلىقى ھەمدە خاربىننىڭ "شەرقتىكى موسكۋا" دەپ ئاتىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمى رۇسلار ئىگىلىگەنلىكى مەلۇم. بۇ يەردىكى رۇسلار 50 - يىللاردىن كېيىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.