جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى قۇرۇش پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قۇرۇش پىلانى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پولشا ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى، رۇسىيىنى قاتتىق غەزەبلەندۈرگەن شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە مەزكۇر مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەشەببۇسى ھەم رۇسىيە ھەم خىتاينى بىئارام قىلماقتا ئىكەن.
سىياسىي مۇلاھىزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن ھەمكارلىق ئاساسەن ئامېرىكىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. لېكىن، ھەم رۇسىيە پرېزىدېنتى ھەم خىتاي دۆلەت رەئىسى ئۆز باياناتلىرىدا، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى، تەكىتلىگەن.
گەرچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋدېف خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرا - ئاسىيادىكى تەبئىي گاز ۋە نېفىتنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر - بىرى بىلەن جىددىي بىر رىقابەت ئىچىدە ئىكەن.