رۇسىيە خىتايغا ئىككى ئارالنى رەسمىي تاپشۇرماقچى

2004 - يىلى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ ئارىسىدا ئىمزالىغان كېلىشىمگە بىنائەن رۇسىيە تەرەپ ئامۇر دەرياسىنىڭ خابوروۋسكىي شەھىرى يېنىدىكى ئىككى ئارالنى خىتايغا بېرىشكە قوشۇلغان ئىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تالاش - تارتىش تۈسىنى ئالغان مەزكۇر ئىككى ئارال كېلىشىم بويىچە خىتايغا بېرىلگەن بولۇپ. تۆت يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپ بۇ يەردىكى چېگرا لىنىيىلىرىنى قايتىدىن سىزىپ بېكىتىپ چىققان. رۇسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بۇ يىل 8 - ئايدا رۇسىيىنىڭ رەسمى يوسۇندا چوڭ ئۇسسۇرىيسكىي دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئىككى ئارالنى خىتاي تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 4000 كىلومېترلىق چېگرا مۇساپىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ تالاش - تارتىشلىق نۇقتىلار بار ئىدى. 2004 - يىلى خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن مەزكۇر تالاش - تارتىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چېگرىلارنى مۇقىملاشتۇردى. لېكىن، خىتاي دەرسلىك كىتابلىرى ھەمدە مىللەتچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا رۇسىيىنىڭ خىتاينىڭ بىر يېرىم مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى بېسىۋالغانلىقى، تېخى نۇرغۇن جايلارنىڭ قايتۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار يەنىلا داۋاملاشماقتا.

ئەنە شۇنداق چېگرا جېڭى 1969 - يىلى جېنباۋداۋدا يۈز بەرگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىلەن خىتاي ئارمىيىسى بۇ ئارالنى تالىشىپ، بىر قەپەز ئېلىشقان. كېيىن بۇ ئارال خىتاي تەرەپكە قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

مەزكۇر ئاراللار 8 - ئايدا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مەزكۇر ئارال ئۈستىدىكى چېگرىسى خاباروۋسكىي شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر نېرىغا جايلىشىدۇ. دېمەك، خىتاي چېگرا ساقچىلىرى خاباروۋسكىي شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر يېقىن جايغا ئورۇنلىشىدۇ. بۇ ئەھۋال رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە مىللەتچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلانغان مەزكۇر ئاراللارنى خىتايغا كېسىپ بەرمەسلىككە چاقىرغان ئىدى.