دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىسىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە پىلانلىق نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكى نەتىجىدە، بۇ رايوندىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئىلگىرىكى 6 پىرسەنتىدىن بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر رايوندىكى كۆپ سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىگە ئېنىقلىما بېرىلگەن قىسىمدا، خىتاينىڭ بىر دىكتاتور دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتتە خەلقنىڭ سۆز - پىكىر، دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن مۇستەسنا ھالدا ياشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلات 21 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خىتايغا قارىتىلغان قىسىمىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر تىلغا ئېلىنغان قىسىمدا، بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.