خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى

پاكىستاندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ قېچىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاندا چىقىدىغان دېلى تايمىس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بىر خەت ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ قېچىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پاكىستانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرى پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرىنى ئېلىپ قېچىشنى ئافغانىستاننىڭ جالالئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن بىر يېغىن جەريانىدا قارار قىلغان بولۇپ، ئەلقائىدە قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئىشىشىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىدىكەن.

پاكىستاننىڭ دېلى تايمىس گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندىكى خىتاي دىپلوماتلىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئىسلامئابادىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە كاراچى شەھىرىدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئەتراپىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن پاكىستان ئىچكى شلار مىنىستىرلىقى، پاكىستاننىڭ تۆرت ئۆلكىسى ۋە پايتەخت ئىسلامئابادتىكى ساقچى قىسىملىرىغا بۇ رايونلاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرىنى تۇتۇپ، قاماش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مىنستىرلىققا تىزدىن بىر دوكلات سۇنۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. (قانات)