ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، پاۋلا دوبرىيانسكى، دۈشەنبە كۈنى، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەتتە يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، دوبرىيانسكىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىنى، "خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى مەقسەت قىلغان، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت" دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇ شۇنداقلا، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن " ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچى پائالىيەتلىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ۋە بۇنداق پائالىيەتلەرنى قوللاشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان، دوبرىيانسكى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن باياناتىدا، دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىش، تىبەت مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن، ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى، دېگەن ھەمدە پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى قايغۇلىرىنى ئىپادىلەپ، ھەر ئىككى تەرەپنى سەۋىرچان بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى، ئەسكەرتتى.