ۋېيتنام ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ۋېيتنامنى " ئىشغال قىلىش پىلانى" غا رەسمىي ئېتىرازدا بولدى

ۋېيتنام ھۆكۈمىتى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ۋېيتنامغا ھەربىي "ئىشغالىيەت يۈرگۈزۈش پىلانى" مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىگە رەسمىي ئېتىراز بىلدۈرگەن.

"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8‏ - ئايدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى Sina.con قاتارلىق چوڭ تور بەتلەردە خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ۋېيتنامغا قاراتقان ھەربىي ئىشغالىيەت پىلانىنىڭ تەپسىلىي دېتاللىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتىنى ئىككى قېتىم چاقىرتىپ، خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر پىلاندىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇرۇش پىلانىدا خىتاي تەرەپ 310 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىدىغان، دەسلەپكى بەش كۈندە ۋېيتنامغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتىدىغان، ئاندىن ۋېيتنامغا گۇاڭشى، يۈننەن، دېڭىزدىن بېسىپ كىرىپ، 31 كۈندە ۋېيتنامغا قاراتقان ئىشغالىيەتنى تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

لېكىن خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئۇرۇش پىلانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ياكى بۇنىڭ بىر ھەربىي تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنمىگەن. ئۇرۇش پىلانىدا مۇنداق دېيىلگەن": ۋېيتنام جۇڭگو تېررىتورىيىسىگە چوڭ تەھدىت، جۇڭگونىڭ تىنچلىقىدىكى توسالغۇ.... شۇنداقلا ۋېيتنام شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك يېتەكچى كۈچ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانى كونتروللۇقىغا ئالماقچى بولسا ئالدى بىلەن ۋېيتنام بويسۇندۇرۇلۇشى كېرەك؟"

"جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋېيتنام تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لې دۇڭ ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە ئېتىرازدا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، ئىنتېرنېتتىكى بۇ ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.