خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى قايتىدىن باشلانماقچى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2002‏ - يىلى ئۈزۈلۈپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى كېلەر ھەپتە بېيجىڭدا قايتىدىن باشلىماقچى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ فېۋرال ئېيىدا خىتاي زىيارەت جەريانىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگنى قايتىدىن باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دېۋېد كرىمەرنىڭ رىياسەتچىلىگىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتى جەريانىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، تىبەتتىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى بېسىملار ھەققىدە كونكرىت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك ئامېرىكا - ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى دېۋىد كرېمەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەردە تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى، تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا 11 ھەپتە قالغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.