خىتاي گروزىيە مەسىلىسى ئۈستىدە يەنىلا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ سەيشەنبە كۈنى گروزىيە كرىزىسى ھەققىدە بىتەرەپ ھالدا بايانات بەرگەن بولۇپ، ئۇ باياناتىدا " بىز گروزىيە كرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ھەم تەرەپلەرنىڭ دىئالوگ ۋە مۇزاكىرىلەر بىلەن كرىزىسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ بېيجىڭ تەرەپنىڭ رۇسىيىنى قوللاش ‏ - قوللىماسلىق ھەققىدىكى ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرمىگەن.

رۇسىيە دائىرىلىرى گروزىيىنىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئېتىراپ قىلىش تۈپەيلى خەلقئارادا يىتىم قېلىش، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

رۇسىيە ئەسلى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئارزۇسىدا ئىدى، لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ بىر كۈنلۈك باشلىقلار يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئاخباراتىدا:"شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر جەنۇبىي ئوسسېتىيە مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ۋەزىيەتنىڭ يېقىنقى جىددىيچىلىكىگە دىققەت قىلىدۇ شۇنداقلا تەرەپلەرنى مەۋجۈت مەسىلىنى تىنچ، سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرىدۇ،" دەپ بۇ مەسىلىدە رۇسىيىنى قوللىمايدىغانلىق ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خۇ جىنتاۋمۇ رۇسىيە رەھبىرى مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشكەندە رۇسىيىنىڭ سوچىدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى ھەمدە كاۋكازىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى.

كۆزەتكۈچىلەر شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىدا خىتاينىڭ ھەل قىلغۇچ رولى بارلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان خىتاينىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە مۇستەقىللىقىنى قوللىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.